مىمار سىناننىڭ ئۇستىلىق ئەسىرى سەلىمىيە جامەسى ۋە ئەدىرنە

مىمار سىناننىڭ ئۇستىلىق ئەسىرى سەلىمىيە جامەسى ۋە ئەدىرنە ھەققىدە

84438
مىمار سىناننىڭ ئۇستىلىق ئەسىرى سەلىمىيە جامەسى ۋە  ئەدىرنە

مارمارا رايونىنىڭ ياۋروپا تەرىپىگە جايلاشقان ئەدىرنە شەرقتە كىركلارئەلى ۋە تەكىرداغ، جەنۇبتا چاناككالە ۋە ئەگە دېڭىزى، غەربتە گىرېتسىيە، شىمالدا بۇلغارىيە بىلەن تۇتۇشىدۇ. ئەدىرنە ۋىلايىتىنىڭ كىلماتى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئىلگىرىلگەنسېرى قاتتىقلىشىدۇ. ئەگە دېڭىزغا تۇتۇشىدىغان جەنۇبىي رايونلىرىدا مۆتىدىل كىلمات ھۆكۈم سۈرىدۇ. ئەدىرنە شەھرى ۋە شىمالىي قىسىملىرىدا بولسا قۇرۇقلۇق كىلماتى ئالاھىدە گەۋدىلىك.
ئەدىرنە تىراك ئاقسۆڭەكلىرىدىن بولغان ئودرىسلەر تەرىپىدىن مىلادىدىن ئىلگىرى 5-ئەسىردە بەرپا قىلىنغان بولۇپ، شەھەرگە ئودرىسىيا دېيىلگەن. مىلادىدىن كېيىن 2-ئەسىردە ئىمپېراتور ھادرىيانۇس دەۋىردە ھەقىقىي مەنىدە شەھەر كىملىكىگە ئېرىشكەن ئەدىرنەگە « ھادرىيانوپولىس» دېگەن نام بېرىلگەن. ئەدىرنە 4-ئەسىردىن باشلاپ نۇرغۇن ئۇرۇشلارغا سەھنە بولغان. ئەدىرنەگە ۋىزاتىنىيە دەۋىردە گوت، ھۇن ۋە بۇلغارلار تۈركۈملەپ كۆچۈپ كەلگەن. ئەدىرنەگە كۆچمەنلەرنىڭ تۈركۈملەپ كۆچۈپ كېلىشى تا تۈركلەر مەزكۇر شەھەرنى فەتىھ قىلغان 1361-يىلىغىچە داۋاملاشقان. سۇلتان 1-مۇرات شەھەرنىڭ نامىنى ئەدىرنەگە ئۆزگەرتىپ دۆلەتنىڭ پايتەختى قىلغان. بۇ دەۋىردىن كېيىن شەھەردە بىناكارلىق تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان. دەسلەپ تىراكلار، رىملار ۋە ۋىزاتىنىيەلىكلەر بىر قىسمى ھازىرمۇ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قەلئەلەر، سېپىللار، سۇ قاناللىرى، چېركاۋلار، مازار تاشلىرى ۋە ئىبادەتخانىلار بىلەن شەھەرنى بېزەپ چىققان. بىراق بۇ ئەسەرلەردىن ناھايىتى ئاز بىر قىسمىلا كۈنىمىزگىچە يېتىپ كېلەلىگەن. يېقىنغىچە قەد كۆتۈرۈپ كەلگەن بىراق ھازىر بولمىغان ئاياسوفيا چېركاۋى مۇراد خۇدايەندىگار تەرىپىدىن جامەگە ئۆزگەرتىلگەن. كېيىنچە مەزكۇر جامەگە مەدرەسە قوشۇلۇپ ھالەبىيە مەدرەسەسى نامى بېرىلگەن. مەزكۇر ئەسەر كۈنىمىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.
ئوسمانلىلار ئەدىرنەدە ئىككى ساراي بىنا قىلدۇرغان بولۇپ، كونا سارايلار چېقىلىپ، يېڭى ساراي دەپ ئاتىلىدىغان ئوسمانلى سارىيى جايلاشقان ساراي ئىچى، ئەتراپى تۇنجا دەرياسى بىلەن قورشالغان، ئىچىدە كۆككە تاقىشىدىغان دەرەخلەر بولغان جايدۇر. ساراي ئىچى بولسا تارىخى كىركپىنار ياغلىق چېلىشىش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلگەن جايدۇر. مەزكۇر ئەسەرنىڭ ھازىرغىچە بۇزۇلماي قېلىپ يەرلىرىمۇ با.

ئەدىرنەدە كۈنىمىزدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئىمارەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئوسمانلى تەرىپىدىن بىنا قىلدۇرۇلغان، 1569-يىلى مىمار سىناننىڭ ئەلى پاشاغا ئاتاپ سالغان ئەلى پاشا جامەسى، چەلەبى سۇلتان مەھمەت تەرىپىدىن 1417-يىلى سالدۇرۇلغان بەدەستەن، 3-مۇرات تەرىپىدىن سالدۇرۇلغان ئاراستا، رۇستەم پاشا كارۋانسارىيى، سوكۇللۇ مەھمەت پاشا تەرىپىدىن سالدۇرۇلغان تاشھان قاتارلىقلار ئوسمانلى ئىمارەتلىرىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.
ئەدىرنەنىڭ سىمۋولى بولغان ۋە يىراقلاردىنمۇ كۆزگە چېلىقىدىغان سەلىمىيە جامەسى ھەيۋەتلىكى ۋە ئۆزگىچە بىناكارلىق ئۇسلۇبى بىلەن زىيارەتچىلەرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ. مىمار سىنان ئىستانبۇلدىكى شەھزادە ۋە سۇلايمانىيە جامەلىرىدىن كېيىن «ئۇستىلىق ئەسىرىم» دەپ تەرىپلىگەن سەلىمىيە جامەسىنى 1569-يىلىدىن 1575-يىلغىچە 2-سەلىم نامىغا ئاتاپ سالغان. مەزكۇر جامە بىناكارلىق جەھەتتىن ئوسمانلى-تۈرك بىنكارلىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. تاق گۈمبەزلىك ۋە بۇ گۈمبەزنىڭ ئۈستىدە ھەيۋەلىك تۆت مۇنارى بولغان جامە كۆرگەنلەرنى ھەقىقەتەن جەلپ قىلىدۇ. رەڭلىك تاشلار بىلەن بېزەلگەن، بىر-بىرىدىن پەرقلىق بەلۋاغلار جامەنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن قوشقان. جامەنىڭ ئەتراپىدىكى كەڭ كەتكەن ھويلا تىك تۆت بۇلۇپ شەكلىدە ياسالغان. سىرتقى ھويلىنىڭ ئوتتۇرىغا سېلىنغان جامە جەنۇبىدا ھويلىنىڭ ئىككى بۇلۇڭىغا جايلاشقان مەدرەسە ۋە دارۇلھەدىس، غەربىدە سىرتقى ھويلىچىلىك كېلىدىغان ئاراستاغا ئوخشاشلارنىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ كۇللىيە بولغان.
.
جامەنىڭ ئىچى كىشىنى ئازادە ھېس قىلدۇرىدىغان چىراقلار بىلەن توشقۇزۇلغان. جامەنىڭ مىھراب ۋە مۇنبىرى ھەقىقەتەن ئېسىل ياسالغان. سەلىمىيە جامەسىنىڭ چاقا-چۇقا بېزەلمىلىرى 16-ئەسىردىكى ئىزنىك چاقا-چۇقا سەنئىتىنىڭ ئەڭ ئىلغار نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ. جامەنىڭ چاقا-چۇقلىرى ھەر خىل رەڭلەردە بولۇپ، ئاساسلىقى قىزىل، ئوچۇق كۆك، قاراكۆك، ئاق، قېنىق يېشىل ۋە قەھۋە رەڭگىدىن ئىبارەت. مىھراپ ۋە مۇنبەر قىسمىدىكى چاقا-چۇقىلار ئوسمانلى چاقا-چۇقا سەنئىتىنىڭ ئەڭ گۈزەل نامايەندىلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ چاقا-چۇقىلاردىن بەزىلىرى ئوسمانلى-رۇس ئۇرۇش ئەسناسىدا رۇەس گېنرالى تەرىپىدىن سۆكۈپ ئېلىنىپ موسكوۋغا ئېلىپ كېتىلگەن. گۈمبەزنىڭ ئىچى ناھايىتى گۈزەل قىلىپ بېزەلگەن. بۇ جايدا ۋە بەلۋاغلاردا ئورۇن ئالغان بۇ بېزەلمىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ھازىرمۇ شۇ پېتى تۇرماقتا.
ئەدىرنەنىڭ مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى زىيارەت قىلغان ساياھەتچىلەر بۇ رايوننىڭ تەبئىي گۈزەللىكلىرىدىنمۇ ئالاھىدە زوق ئالالايدۇ. بۇ تەبىئىي گۈزەللىكلەردىن بىرى ساروز قولتۇقىدۇر. تىراكيا زېمىنلىرىنىڭ ئەگە دېڭىزى بويىغا تۇتۇشىدىغان بۇ قولتۇق پاكىز قۇملار بىلەن قورشالغان. تۈركىيە-گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا تەبىئىي چېگرا شەكىللەندۈرگەن مەرىچ دەرياسى رايوندىكى گالا كۆلىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۆسۈملۈك قاتلىمى، قۇش ۋە بېلىق تۈرلىرى كۆپ بولغان بۇ كۆل، رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەرگەنە دەرياسىنىڭ مەرىچ كۆلى بىلەن تۇتاشقان ئەدىرنەدىكى قىسمى بولسا 72 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، ئەنەزگە يېقىن جايدا ئەگە دېڭىزغا قويۇلىدۇ.

ئەدىرنەدە قول-ھۈنەرۋەنچىلىك ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ساندۇق، ئىشكاب قاتارلىق ياغاچتىن ياسالغان بۇيۇملار ئۈستىگە بوياق بىلەن بېزەلگەن ۋە «ئەدىرنەكارى» دەپ ئاتىلىدىغان قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى كەڭ تارقالغان. بۇلاردىن سىرت، سۈپۈرگىچىلىك، مىۋە سوپۇنى، ئويمىچىلىق، قاپ، قۇتا، گۈل رەسساملىق، ھۆسنىخەت قاتارلىقلارمۇ بار. ئوسمانلىنىڭ پايتەختى بولۇشتىن سىرت، تۈرك چاقا-چۇقا ۋە ساپالچىلىق سەنئىتىنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان. سۇلتانلار ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان بېزەلمە ئۇسلۇبلىرى، ساراي ۋە خاتىرە خاراكتىرلىك ئىمارەتلەرنىڭ مىسلىسىز گۈزەل چاقا-چۇقا بېزەلمىلىرى ئەدىرنەنىڭ كۈلتۈر مىراسلىرى ئىچىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئەدىرنەدىكى ھەر قايسى دىنلارنىڭ ئىبادەتخانلىرى، بۇلغار ۋە ئىتالىيەلىكلەرنىڭ چېركاۋلىرى، يەھۇدىي ئىبادەتخانسى، يەھۇدىي، ئىتالىيە، باخاج زەراتگارلىقى قاتارلىقلار شەھەردە ئوخشىمىغان دىنلارغا تەۋە كىشىلەر ئىناق-ئىتىپاق ياشىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەدىرنەدە ھەر خىل فېستىۋاللار ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، خەلقئارا ھىدرەللەز پائالىيەتلىرى، تارىخى كىرىكپىنار ياغلىق چېلىشىش مۇسابىقىلىرى، ئەنەز ئوۋچىلىق ۋە بېلىق فېستىۋالى بۇلارنىڭ بىر قىسمىدۇر.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر