دىن ۋە جەمئىيەت - 29

جەمئىيەت ئۆزگىرىشى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈستىدە قىسقىچە مۇلاھىزە

139681
دىن ۋە جەمئىيەت - 29

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: مەيلى ياخشى كۆرەيلى ياكى كۆرمەيلى جەمئيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشى توسۇۋالغىلى بولمايدىغان بىر خىل ئىجتىمائى ھادىسە. تېخىمۇ ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا ئىبىنى خالدۇن ئېتتقاندەك، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مىللەت ۋە قوۋملارنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ھالقىپ كەتكىلى بولمايدۇ. مىللەتلەر ۋە ئالەمنىڭ ئەھۋالى، جەمئىيەت ئادەتلىرى ۋە دىندارلىق سەۋىيەلىرى ئوخشاش بولغان قەدەم – باسقۇچ ۋە مۇقىم يول بىلەن داۋاملاشمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال - شەخس، ۋاقىت، شەھەر، رايون، زامان ۋە دۆلەتلەردىمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ. بۇ قاراش بويىچە بولغاندا، زامان ئىچىدە پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش، تۆۋەنلەش، يوقىلىش ۋە ئويغىنىش مەۋجۇت بولىدۇ.
ئىلاھىي كىتابلار مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشى توغرىسىدا ئۆتمۈشكە ئائىت ئەڭ ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قۇرئانغا ئاساسلانغاندا، ئىنسانلارنىڭ ئۆزى تارىخنىڭ يۆنۈلۈشىنى بەلگىلەيدۇ. تۇنجى قېتىم يارىتىلغان ئىنسان بىلەن باشلانغان ئىلاھىي قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت قىلىش ئىستىكى، خېلى ئۇزۇن زامان ئۆتكەندىن كېيىنكى چاغلاردا چوڭايغان ھالدا داۋاملاشقان. بۇنىڭ دەل ئەكسىچە، تارىختىن بېرى بىۋاستە چۈشكەن ئىلاھىي قانۇنلار بولسۇن ياكى ئىنسانلار تەرىپىدىن تۈزۈلگەن قانۇنلار بولسۇن ھەممىسى ئاشقۇنلۇق، ھەددىدىن ئېشىش ۋە زۇلۇمنى چەكلەپ كەلگەن. مەسىلىگە قۇرئان ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ قارىغىنىمىزدا، بىرەر جەمئىيەتنىڭ پەيغەمبەرسىز قالغانلىقىنى ئۇچرىتالمايمىز.
قۇرئاندا زىكىر قىلىنىدىغان «بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ» دېگەن مەزمۇندىكى ئايەت، مىللەتتە مەيدانغا كېلىدىغان ئۆزگىرىشنىڭ ئالدى بىلەن شەخستىن باشلىنىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئىنسان بولۇش سۈپىتىدە كىشىنىڭ ئۆزگىرىشكە نىسبەتەن ئوچۇق بولۇشى ۋە ئۆزگىرىشنى ئارزۇ قىلىشى، ئۆزى مەنسۇپ بولغان مىللەتنىڭ ئۆزگىرىشگە ئاساس يارىتىپ بېرىدۇ. يەنى كىشىدىكى ئۆزگىرىش جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يۇقىرىدىكى ئايەتتە، ئالدى بىلەن ئۆزگىرىشنىڭ كىشىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز.
ھەر بىر مىللەت مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن كىشىلىرىگە مەلۇم ۋەزىپلەرنى يۈكلەيدۇ. بىر مىللەت مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىدا يېڭى بىر ئۆزگىرش ھاسىل قىلىشتىن بۇرۇن، مىللەتكە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ ئۆزگىرىشنى ئەمەلىيلەشتۈرەلىشى كېرەك. بۇنىڭدا ھەممىدىن ئاۋۋال خەلق ئاممىسى جەمئىيەت ئۆزلىرىگە تاڭغان ۋەزىپىدىن ھالقىيالىشى كېرەك. ئەنئەنىۋى قىممەت ئۆلچەملىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ۋەزىپىلەرنىڭ سىرتىغا چىقماستىن، جەمئىيەتتە ئۆزگىرىش ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئەنئەنىۋى كۆز قاراشلار بەزى قاتتىق قائىدىلەر، ئۆزگىرىشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئامىللارغا ئايلانغان.

ماقالىمىزنىڭ بېشىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇش ۋاقتى مۇئەييەن زامانغا باغلىق. مىللەتلەرنى تەسىر دائىرە ۋە كۈچنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققاندىن كېيىن، ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن تۆۋەنگە يوقىلىشقا قاراپ تېزلىكتە چۈشكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. تۆۋەنلەش جەريانىدا، بەزىدە ئۇ مىللەت يېڭىلىنىپ پارچىلانسا، بەزىدە تەسىر دائىرىسىنى ۋە كۈچىنى يوقىتىدىغان دەرىجىدە ناھايىتى تۆۋەن سەۋىيەگە كەلگەنلىكىنى كۆرىمىز. مەدەنىيەتلەر تارىخىغا قارىغان ۋاقتىمىزىدا، ھەر بىر مەدەنىيەتنىڭ نۆل نۇقتىدا تۇرمىغانلىقىنى ۋە باشقا مەدەنىيەتنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. مەۋجۇت بولۇش ۋاقتىنى ئاخىرلاشتۇرغان مىللەت ۋە مەدەنىيەت پۈتۈنلەي يوقالمايدۇ. ئەكسىچە، بۇ ئەھۋال، بۇرۇنقى ئورنىدىن تېخىمۇ كۆپ تۆۋەن بولۇشى ياكى ئۆز ئورنىنى باشقا مىللەت ياكى مەدەنىيەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى، دەپ قارىلىدۇ.

مىللەتلەرنىڭ سەرخىللىرى، مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولغان ئەڭ مۇھىم ئامىللاردۇر. مىللەت ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئاڭسىز ئىنسانلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. مىللەتكە تەسىر قىلغان، ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولغان ۋە ئۇلار ياقتۇرىدىغان كىشىلەر رەھبەر ھېسابلىنىدۇ. مىللەتنىڭ باشچىلىرى، قەتئىي ئىرادىلىك بولغان ئەھۋالدا ئۆزگىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. خەلق، رەھبەرلىرىنىڭ سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇشىنى ۋە بىرىنچى بولۇپ ئۆزگىرىشلەرنى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدا كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ئىش – ھەرىكەتلىرى بىلەن خەلققە ئۆرنەك بولىدۇ. شۇڭا، مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ياكى يوقىلىشى رەھبەرلەرنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. قۇرئان ۋە سۈننەت بۇ مەسىلىنى كۆپ تەكىتلەيدۇ.
ئەنئەنىگە چىڭ ئېسىلۋالغۇچىلارنىڭ مىللەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرۇشىنىڭ ئەسلى سەۋەبى، ئەجدادلىرىدىن مىراس قالغان ئەنئەنىۋى دىنىي كۆز قاراشلارنى تەرك ئېتىشنى خالىمىغانلىقلىرىدۇر. بەلكىم، بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر سەۋەب بولسا، ئۇلارنىڭ دىن ئارقىلىق تىكلىگەن نوپۇزلىرىنىڭ قولدىن كېتىشى بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ خىل ئىش – ھەرىكەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى مۇئەييەن ئاڭنى ئاساس قىلىپ ياكى بىر كۆز قاراش ئاساسىدا رەت قىلدى، دەپ ئېيتىش ناھايىتى تەس. نۇرغۇنلىغان مىللەتلەردە ئەنئەنىۋى نوپۇزغا ئىگە دىن ئادەملىرى، ۋەزىپىلىرىگە ئاساسەن مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ. ئىگە بولغان مەرتىۋە جەھەتتىن ئاللاھقا يېقىن ئىكەنلىكلىرىگە ۋە ئۆزىگە ھۆرمەت كۆرسىتىلىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىدۇ. قۇرئان دىن ئادەملىرىنىڭ مىللەتكە تەسىر قىلغانلىقى ۋە ئۆزگەرتكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىدە بايان قىلىندىغان سامىرى ئىسىملىك ئىسرائىل ئوغۇللىرى ئارىسىدىن چىققان ۋە دىن ئادىمى سۈپىتىدە بىلىنىدىغان كىشىنىڭ، مۇسا ئەلەيھىسسالام يوق ۋاقتىدا مىللەتكە قانداق تەسىر كۆرسىتىپ، نىشانىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇ مەسىلىدە، قۇرئان بىزنى دىن نامىدا ئادەمنى ئالدايدىغانلارغا قارشى دىققەتلىك بولۇشىمىزنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. قۇرئاندىكى «سىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئالدىمىسۇن» دېگەن ئايەت يۇقىرىدىكى ئەھۋالغا ئىشارە قىلىدۇ.
جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىدە، ھەممىدىن بەكرەك ماددىي ۋە مەنىۋى ئىستەكلەر مەقسەت قىلىنىدۇ. ماددىي ئېھتىياجلار قاندۇرۇلغان جەمئىيەتلەر، ئۆزگىرىشتىن ئۇزاق تۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇقىملىقىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ جەرياندا يوق ھېسابلانغان پاراۋانلىق سەۋىيەسى تۆۋەن بولغان كىشىلەر ئۆزلىرى ئۈچۈن ئورۇن ئىزدەشكە باشلايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، غەپلەتتە قالدۇرۇلغان مەنىۋى قىممەتلەر ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. جەمئىيەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەر مىللەتنىڭ چىقىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە سەۋەب بولىدۇ. بۇ باسقۇچتا ئىدېئولوگىيەلەر مىللەتنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئادالەت جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى تۇتۇپ تۇرغان مۇھىم ئامىللار ئىچىدە بىرىنچى رەتتە تۇرىدۇ. ئادالەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ساغلام جەمئىيەتنى دۇنياغا كەلتۈرىدۇ. ئادالەتسىزلىك بولسا، ئىنساننىڭ ماھىيىتىگە خىلاپلىق قىلىشنى تۇغدۇرىدۇ. ئادالەتسىزلىك مەۋجۇت بولغان يەردە سۈكۈتنىڭ بولۇشى ئىمكانسىز. زۇلۇم سالغان ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان قۇتۇپلارنىڭ شەكىللىنىشى مىللەت ئۈچۈن ئۆزلىكىدىن توقۇنۇش مۇھىتىنى بەرپا قىلىدۇ. ئادالەتسىزلىك بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋە زۇلۇم سالغان بىر قاتلامنىڭ بولۇشى، قۇرئاندا ئېيتىلغىنىدەك ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ كېلىشىگە سەۋەب بولىدۇ. قۇرئاندا «ئاھالىسى كاپىر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىلىرى ئۆرۈلۈپ، ئۈستىگە تاملىرى يېقىلغان نۇرغۇن شەھەرلەر، نۇرغۇن تاشلاندۇق قۇدۇقلار ۋە ئاھالىسىز قالغان ھەشەمەتلىك سارايلار بار» دېگەن ئايەتكە ئوخشاش، مىللەتلەرنىڭ يوقىلىشى ۋە يوقىلىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى بايان قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان ئايەتلەر بار. شۇنىڭ ئۈچۈن كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئىجتىمائىي جەمئىيەت ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بىر خىل قۇرۇلما بولۇپ، مۇسۇلمانلار تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە ھەر ۋاقىت ئىدىيە جەھەتتىن تەييار تۇرۇشى كېرەك.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر