بالدۇر دىياگنوز قويۇش ھايات قۇتقۇزىدۇ
4-فېۋرال دۇنيا راك كېسىلى كۈنى. بۇ كۈندە راك كېسىلىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، كىشىلەرنى بۇ كېسەلگە قارشى تۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ.

راك كېسىلى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكىگە ئوخشاش تۈركىيەدىمۇ ئۆلۈم سەۋەبلىرى ئىچىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، بالدۇر دىياگنوز قويۇلغان نۇرغۇن راك كېسەللىكلىرىنىڭ داۋالاش ئارقىلىق ياخشىلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىمۇ مەلۇم.
2025-يىلدىن 2027-يىلغىچە بېكىتىلگەن بۇ تېما «ئۆزگىچە ئىتتىپاقلىق» كىشىلەرنى راكقا قارشى كۈرەشنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرۇپ، ئوخشىماسلىقلىرى بىلەن بۇ كۈرەشتە كۈچلۈك بىر گەۋدە يارىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
تاماكا مەھسۇلاتلىرى ۋە ئىسپىرتتىن يىراق تۇرۇش، ساغلاملىققا پايدىلىق بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش، قەرەللىك بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئۇلترا بىنەپشە نۇردىن ساقلىنىش ۋە راكنى قەرەللىك تەكشۈرتۈش راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ئامىللار ھېسابلىنىدۇ.
تۈركىيەدە سۈت بېزى، ئۈچەي ۋە بالىياتقۇ بوينى راكىنى تەكشۈرۈش پىروگراممىسى 2008-يىلدىن باشلاپ مەملىكەتلىك راكنى كونترول قىلىش پىروگراممىسى دائىرىسىدە ئىجرا قىلىنماقتا.
تەكشۈرۈش ئىشلىرى، راكقا بالدۇر دىياگنوز قويۇش، تەكشۈرۈش ۋە تەربىيەلەش مەركىزى (KETEM) ، ناھىيەلىك سەھىيە ئىدارىلىرى، جەمئىيەت خاراكتېرلىك سەھىيە مەركەزلىرى (TSM) ، ساغلام ھايات مەركەزلىرى (SHM) ۋە ئائىلە ساغلاملىق مەركەزلىرى (ASM) دە ھەقسىز ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يېزا ۋە قىيىنچىلىقى بار رايونلاردا كۆچمە تەكشۈرۈش ۋاستىلىرى بىلەن خىزمەت بېرىلمەكتە.
بالدۇر دىياگنوز قويۇش ھايات قۇتقۇزىدۇ
تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت ياكى گۇمانلىق كىشىلەر ئوتتۇرا ۋە ئۈچىنچى دەرىجىلىك داۋالاش ئورۇنلىرىغا ئەۋەتىلىپ، زۆرۈر بولغان تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ. راكقا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، بالدۇر دىياگنوز قويۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش ھەممەيلەننىڭ مەسئۇلىيىتى. ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ، راكقا بالدۇر دىياگنوز قويۇش ھايات قۇتقۇزىدۇ!