داڭلىق ئارتىس توم كرۇز ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئامېرىكالىق ئارتىس توم كرۇز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دېڭىز ئارمىيەسىگە قوشقان «مۇھىم تۆھپىلىرى» سەۋەبلىك «ئىجتىمائىي خىزمەت ئالىي مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.

2221834
داڭلىق ئارتىس توم كرۇز ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

توم كرۇز لوندوندىكى لوڭكروس كىنو ئىستۇدىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دېڭىز ئارمىيەسى كاتىپى كارلوس دېل تورونىڭ قولىدىن «ئىجتىمائىي خىزمەت ئالىي مۇكاپاتى»نى تاپشۇرۇۋالدى.

دېل تورو كىنولاردىكى رولى ئارقىلىق ئارمىيەگە قوشقان «مۇھىم تۆھپىلىرى» ئۈچۈن كرۇزغا رەھمەت ئېيتتى ۋە 62 ياشلىق داڭلىق ئارتىسقا مېدالىنى تەقدىم قىلدى.

كرۇز بولسا، دېڭىز ئارمىيەسى بەرگەن مۇكاپاتتىن پەخىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر