ھاراق ئىچىش چاچ چۈشۈش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ
ھاراق ئىچىشنىڭ ئەرلەردە چاچ چۈشۈشنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقى بايقالدى.
2214487
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە پۇسان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئالىملار دائىم ھاراق ئىچىدىغان ئەرلەردە چاچ چۈشۈش مەسىلىسىنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا 1.4 ھەسسە كۆپ كۆرۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئالىملار بۇنىڭ ئېنىق سەۋەبىنى تېخى تاپالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ھاراقنىڭ ئورگانىزمدا پارچىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان ئاسېتالدېھىد دېگەن ماددا بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
مۇتەخەسسىسلەر چاچ چۈشۈشنىڭ يەنە باشقا سەۋەبلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ، بۇلار ئارىسىدا ياشىنىش، روھىي بېسىم، راك كېسىلى، ئۇرۇقلاش ۋە تۆمۈر يېتەرسىزلىكى قاتارلىقلارنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىمەكتە.