تايلور سۋىفتنىڭ ۋىيېننادىكى كونسېرتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

ئامېرىكالىق داڭلىق ناخشىچى تايلور سۋىفت (Taylor Swift) نىڭ ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىيېننادا ئۆتكۈزمەكچى بولغان كونسېرتى، «ھۇجۇم» ئەندىشەسى سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

2172973
تايلور سۋىفتنىڭ ۋىيېننادىكى كونسېرتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىيېننا ساقچىلىرى داڭلىق ناخشىچى تايلور سۋىفتنىڭ كونسېرتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە «ھۇجۇم قىلىش پىلانلانغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى كىشىنى قولغا ئالدى.

كونسېرتلارنى تەشكىللىگەن «Barracuda Music» تەشكىلاتىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدا ئېلان قىلغان باياناتتا، «ھەممە كىشىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان ئۈچ كونسېرتنى ئەمەلدىن قالدۇرماي ئامالىمىز يوق» دېيىلدى.

باياناتتا، كونسېرت بېلىتى پۇلىنىڭ 10 خىزمەت كۈنى ئىچىدە قايتۇرۇلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئاۋستىرىيە ساقچى ئىدارىسىنىڭ باش مۇدىرى فغانز غۇف (Franz Ruf) قولغان ئېلىنغان ئىككى گۇماندارنىڭ بىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر