بويتاقلىق سۇلتانلىق

2000-يىللارنىڭ بېشىدا تۇغۇلغان ياشلار، ئۆزىدىن 10 يىل ئىلگىرى تۇغۇلغانلارغا سېلىشتۇرۇلغاندا بويتاقلىقتىن مەمنۇن ئىكەن.

2156345
بويتاقلىق سۇلتانلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدىكى ماينز يوھاننېسبۇرگ گۇتېنبېرگ (Mainz Johannes-Gutenberg) ئۇنىۋېرستېتى ئېلان قىلغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، دۆلەتتە 2008-يىلدىن تارتىپ رومانتىك مۇناسىۋەتلەر ۋە ئائىلە دىنامىكلىرى مەلۇماتلىرى ئانالىز قىلىنغان بولۇپ، ياشلار بويتاقلىقتىن مەمنۇن ئىكەن.

تەتقىقاتچىلار 2008-يىلدىن 2021-يىلغىچە بولغان مەزگىلدە تەخمىنەن 12 مىڭ كىشى قاتناشقان تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىنى تەتقىق قىلغان.

تەتقىقاتچىلار دىققىتىنى ئوخشىمىغان ياش گۇرۇپپىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، 1970-يىللار بىلەن 2000-يىللارنىڭ بېشىغىچە بولغان مەزگىلدە تۇغۇلغانلارنىڭ رومانتىك مۇناسىۋەتلەرگە بولغان قارىشىنى تەھلىل قىلغان.

تەتقىقاتچىلار 2001-يىلدىن 2003-يىلغىچە بولغان مەزگىلدە تۇغۇلغان ياشلارنىڭ، 1991-يىلدىن 1993-يىلغىچە بولغان مەزگىلدە تۇغۇلغانلارغا سېلىشتۇرۇلغاندا، بويتاقلىقتىن «كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە مەمنۇن ئىكەنلىكى» نى بايقىغان.

تەتقىقات نەتىجىسىنى يازغۇچى پىسخولوگ دوكتور تىتا گونزالېز ئاۋىلېس (Tita Gonzalez Aviles) بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرىدە بويتاقلىقنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئىجتىمائىي نۇقتىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئەھۋالغا ئايلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «بۇ بۈگۈنكى ياشلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆز ئالدىغا ياشاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، شۇڭا بويتاقلىقتىن خۇشال بولۇشى مۇمكىن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر