ياۋرو-ئاسىيا ساغلاملىق ساياھىتى يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى

ياۋرو-ئاسىيا ساياھەت ۋە ساغلاملىق يەرمەنكىسى ئىستانبۇل يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

2068397
ياۋرو-ئاسىيا ساغلاملىق ساياھىتى يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 9-نۆۋەتلىك دۇنيا ھالال يېمەكلىكلەر باشلىقلار يىغىنى ۋە 10-نۆۋەتلىك ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھالال يېمەكلىكلەر يەرمەنكىسى بىرلا ۋاقىتتا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى. يەرمەنكە، ئۆز ساھەسىدىكى داڭلىق مەبلەغ سالغۇچىلار، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى، ساياھەت كوپىراتىپلىرى، ساياھەت دوختۇرخانىلىرى ۋە كەسپىي مۇتەخەسسىسلەرنى بىر يەرگە جەم قىلدى.

يېڭى دۆلەتلەر ۋە بازارلارغا ئىشىكىنى ئاچىدىغان، ساغلاملىق ۋە ساياھەتچىلىككە مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەرنى كۆزەتكىلى بولىدىغان، 20 دۆلەتتىن ھەيئەتلەر قاتناشقان يەرمەنكىدە، 74 تىن ئارتۇق يەرلىك ۋە چەت ئەل شىركەتلىرى مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرماقتا.

119 دۆلەتتىن 9 مىڭ چەت ئەللىك زىيارەتچىنىڭ كېلىشى كۈتۈلۈۋاتقان يەرمەنكىنىڭ 30 مىڭغا يېقىن زىيارەتچىنى كۈتۈۋېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، يەرمەنكىنى ھەپتە ئاخىرىمۇ زىيارەت قىلغىلى بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر