نىيۇ يوركتىكى تۈرك ئۆيىدە «خەلقئارا يېمەك - ئىچمەك فېستىۋالى» ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدىكى تۈرك ئۆيى ئىككىنچى قېتىم «خەلقئارا يېمەك - ئىچمەك فېستىۋالى»غا ئىشىكلىرىنى ئاچتى.

2065554
نىيۇ يوركتىكى تۈرك ئۆيىدە «خەلقئارا يېمەك - ئىچمەك فېستىۋالى» ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چەت ئەل كونسۇلخانىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، تۈركىيەنىڭ نيۇ يوركتىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «خەلقئارا يېمەك - ئىچمەك فېستىۋالى»غا  18 دۆلەت ئىشتىراك قىلدى.

فېستىۋالغا، نىيۇ يوركتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كونسۇلخانىلارنىڭ خادىملىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر، دىپلوماتىك ئورۇنلارنىڭ خادىملىرى ۋە نۇرغۇن مېھمانلار قاتناشتى.

مۇزىكا كونسېرتى تەڭكەشلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋالدا فىلىپپىن، بۇلغارىيە، قازاقىستان ۋە مېكسىكا سەنئەتكارلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مۇزىكىلىرى بىلەن قىسقا نومۇرلارنى ئورۇنلىدى.

مېھمانلارغا ھەر خىل تۈرك ۋە دۇنيا يېمەك – ئىچمەكلىرى تەقدىم قىلىندى.

تۈركىيەنىڭ نىيۇ يوركتا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى رەيھان ئۆزگۈر فېستىۋالدا سۆزى جەريانىدا، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ باشقا ئالاقىدار تەرەپلەر، بولۇپمۇ نىيۇ يوركتىكى دىپلوماتىك ئورۇنلار، كونسۇلخانىلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «تۈرك ئۆيى، بۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن، نىيۇ يوركتىكى مەدەنىيەت ۋە دىپلوماتىك مەركەزگە ئايلاندى» دېدى.

بۇنىڭ مەيلى ئاۋامنىڭ ۋە مەيلى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئالدىدا بولسۇن، تۈركىيەنىڭ تېخىمۇ ياخشى تونۇلۇشىغا تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئۆزگۈر، تۈرك ئۆيىنىڭ بۇ فۇنكسىيەسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر