زىۋىنىجە بىلەن كۈتاھيا شەھىرى قېرىنداش شەھەر بولدى
بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ زىۋىنىجە شەھىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ كۈتاھيا شەھىرى قېرىنداش شەھەر بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زىۋىنىجە شەھەر باشلىقى بېگان مۇھىچ ھەيئەت بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەنىڭ كۈتاھيا شەھىرىنى زىيارەت قىلدى.
ئۇ كۈتاھيا شەھەر باشلىقى ئالىم ئىشىق بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئىككى شەھەرنىڭ قېرىنداش شەھەر بولۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى.
كۈتاھيا شەھەر باشلىقى ئالىم ئىشىق زىۋىنىجە شەھىرى بىلەن بولغان قېرىنداشلىقتىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ۋە ئىقتىساد ساھەلىرىدە شەھەرلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. كەلگۈسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق نۇرغۇن خەلقئارالىق فوندلاردىن پايدىلىنىپ شەھەرلىرىمىزنىڭ پۇقرالىرىنى بىر-بىرىگە يېقىنلاشتۇرىمىز» دېدى.
زىۋىنىجە شەھەر باشلىقى مۇھىچ كۈتاھيا شەھىرى بىلەن قېرىنداش شەھەر بولغانلىقلىرىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىگە كۆرسىتىلگەن مېھماندوستلۇق ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتتى ۋە بوسنىيە-گرېتسېگوۋىنا بىلەن تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك تارىخىي رىشتىلىرىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.