ئەردوغان مەدەنىيەت - سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «2023-يىللىق جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مەدەنىيەت - سەنئەت كاتتا مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەنلەرنى ئېلان قىلدى.

2057742
ئەردوغان مەدەنىيەت - سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى:

«<تۈركىيەنىڭ 100 يىللىق قۇتلۇق دەۋرى نىشانى» تەسەۋۋۇرىغا قوشقان تۆھپىلىرى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن، جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 100- يىلىنى تېخىمۇ تەنتەنىلىك ھالدا ئۆتكۈزۈشىمىزدە مۇھىم رول ئوينىغان 2023-يىللىق جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مەدەنىيەت - سەنئەت كاتتا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن سەنئەتكارلىرىمىزنى، پەن-تېخنىكا خادىملىرىمىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، خىزمەت ئەسناسىدا ۋاپات بولغان ۋاپا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۆھپىكارلىرىمىزغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلەيمەن.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باياناتىدا، «2023 – يىللىق جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مەدەنىيەت - سەنئەت كاتتا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغاندا مۇنداق دېدى:

«ئىلىم-پەن ساھەسىدە سۇلەيمان ئۇلۇداغ، مەدەنىيەت - سەنئەت ساھەسىدە ئەلى بىرنىچى، مۇزىكا ساھەسىدە ئەمەل سايىن، رەسساملىق ساھەسىدە ئىلھامى ئاتالاي، ھەجۋىيلىك ساھەسىدە ھەسەن ئايجىن، كىنو ساھەسىدە سامى شەكەرئوغلۇ، رەقەملىك سەنئەت ساھەسىدە رەفىق ئانادول، بىناكارلىق ساھەسىدە سىنان گەنىم، ئەدەبىيات ساھەسىدە نازان بەكىرئوغلۇ <2023 – يىللىق جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مەدەنىيەت - سەنئەت كاتتا مۇكاپاتىغا> لايىق كۆرۈلدى.<2023 – يىللىق جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ۋاپا مۇكاپاتى> غا ئاتتىلا ئىلھان، بارىش مانچو، ئىسمائىل ھاققى ئۇزۇنچارشىلى، مۇھسىن ئەرتۇغرۇل ۋە سامىھا ئايۋەردى قاتارلىقلار لايىق كۆرۈلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر