غازىئانتەپ گاسترونومىيە فېستىۋالىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ

9- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا گاسترونومىيە (تائاملار) شەھىرى غازىئانتەپتا ئۆتكۈزۈلىدىغان «گاستروئانتەپ مەدەنىيەت يولى فېستىۋالى»دا شەھەرنىڭ ماركا خاراكتېرلىك تائاملىرى تۈركىيەلىك ۋە چەت ئەللىك ئاشپەزلەر ئارقىلىق دۇنياغا تونۇلىدۇ.

2037384
غازىئانتەپ گاسترونومىيە فېستىۋالىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غازىئانتەپ شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان فېستىۋالغان ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ئىيوردانىيە، ئامېرىكا ۋە لىۋان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن مىچېلىن يۇلتۇزىغا ئېرىشكەن ئۇستا ئاشپەزلەر قاتنىشىدۇ.

شەھەردە ئۆستۈرۈلگەن نۇرغۇن جۇغراپىيە ئىشارەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىپ تاماق ئېتىدىغان ئاشپەزلەر، ھەم گاسترونومىيە شەھىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ھەمدە تاماقلىرىنى تېتىپ بېقىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.

ئاشپەزلەر گاسترونومىيە شەھىرىدىكى ئۇستا ئاشپەزلەرنىڭ تاماق ئېتىش باسقۇچلىرىنى ئۆگىنىدىغان ئاشپەزلەر، بۇ يەردە كۆرگەن يېڭى تاماقلارنى ئۆز دۆلەتلىرىدە تونۇشتۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر