ئاياسوفيائى كەبىر جامەسىنىڭ تور بېتى ئاممىغا ئېچىۋېتىلدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ۋەخپىلەر باش ئىدارىسى ئاياسوفىيا ئى كەبىر جامەسىنىڭ تور بېتىنى لايىھەلەپ ئاممىغا ئېچىۋەتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىق ۋەخپىلەر باش ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن «www.ayasofyaikebircamii.gov.tr» تور بېتىدىن ئاياسوفيائى كەبىر جامەسىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەپسىلاتلارنى تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئىگلىنىشىچە، تۈرك ۋە ئىنگلىز تىللىرىدىكى ماتېرىياللارغا ئورۇن بېرىلگەن تور بەتتىن جامەنىڭ تارىخى، ئۆتمۈشكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىگە دائىر ئۇچۇرلار، تارىخىي قۇرلۇش توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرنى ئوقۇغىلى ھەمدە ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ خاتىرىسى ۋە ھەر خىل كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرگىلى بولىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

مەۋلۇت قەندىلى بۈگۈن ئىدراك قىلىنىدۇ
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كەلگەن كۈن بولغان مەۋلۇت قەندىلى بۈگۈن ئىدراك قىلىنىدۇ.

تۈركىيەدىكى 19 ئۇنىۋېرسىتېت ياۋروپانىڭ ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلىرى تىزىملىكىگە كىردى
تۈركىيەدىكى 19 ئۇنىۋېرسىتېت «ياۋروپادىكى ئەڭ ياخشى» ئۇنىۋېرسىتىتلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.