يۈز دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت - سەنئەت ئەلچىسى ئىستانبۇلدا...

ئىستانبۇلدا بۇ يىل 24- قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن «بۈيۈكچەكمەجە مەدەنىيەت - سەنئەت بايرىمى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى تاكسىم مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.

2017621
يۈز دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت - سەنئەت ئەلچىسى ئىستانبۇلدا...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈيۈكچەكمەجە مەدەنىيەت - سەنئەت بايرىمىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلگەن 100 دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئەلچىلىرى، ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ بايرىقى ۋە ئەنئەنىۋى كىيىملىرى بىلەن قاتناشتى، مۇراسىم جەريانىدا ئۇسسۇل نومۇرلىرى ئورۇندالدى.

سۆيگۈ، تىنچلىق ۋە قېرىنداشلىق ئۇچۇرلىرى بېرىلگەن بايرامغا بۇ يىل تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، 100 دۆلەتتىن كەلگەن 1580 سەنئەتكار قاتناشتى. خىزمەت يىغىنلىرى، كۆرگەزمىلەر، مۇسابىقىلەر، كونسېرتلار ۋە نۇرغۇن مەدەنىيەت- سەنئەت پائالىيەتلىرىگە ساھىبخانلىق قىلىدىغان فېستىۋال، 5- ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدۇ.

«خەلقئارا ئىستانبۇل بۈيۈكچەكمەجە مەدەنىيەت - سەنئەت بايرىمى» ئۇدا سەككىز قېتىم دۇنيا فېستىۋاللار جەمئىيىتىنىڭ «دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى مەدەنىيەت - سەنئەت بايرىمى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر