جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ كىتابى رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى رەئىسى گاينۇتدىنغا تەقدىم قىلىندى

باش ئەلچى سامسار رۇسىيە فېدېراتسىيەسى مۇسۇلمانلىرى دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنى زىيارەت قىلىپ، رەئىس گاينۇتدىن بىلەن كۆرۈشتى.

1996930
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ كىتابى رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى رەئىسى گاينۇتدىنغا تەقدىم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسچە نەشر قىلىنغان «تېخىمۇ ئادىل دۇنيا (بەرپا قىلىش) مۇمكىن» ناملىق كىتابى تۈركىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مەھمەت سامسار تەرىپىدىن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى مۇسۇلمانلىرى دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، قوشۇمچە رۇسىيە مۇپتىلار كېڭىشى رەئىسى راۋىل گاينۇتدىنغا تەقدىم قىلىندى.

گاينۇتدىنغا ئەردوغاننىڭ كىتابىنى تەقدىم قىلغان سامسار، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ھەر پۇرسەتتە تېخىمۇ ئادىل، ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە سىجىل تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)غا بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈشكە بولىدىغانلىقى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى دەپ ئۆتتى ھەمدە ئەردوغاننىڭ بىۋاسىتە ھالدا بۇ پىكىرلىرىنى كىتابلاشتۇرغانلىقىنى، كىتابنىڭ نۆۋەتتە رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ 2015- يىلى موسكۋا مەركىزىي مەسچىتىنى بىرلىكتە ئىبادەتكە ئاچقانلىقىنى ئەسكەرتكەن گاينۇتدىن: «بىز ئۇنى رۇسىيەدىكى 25 مىليون مۇسۇلمانغا ۋاكالىتەن بۇ يەرگە تەكلىپ قىلىمىز ۋە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر