كىرودىيەدە تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن كونسېرت بېرىلدى
كىرودىيەنىڭ پايتەختى زاگرېبتا 6 – فېۋرال كۈنى قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان تۈركىيەنىڭ 11 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن كونسېرت بېرىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتنىڭ قوللىشى ئاستىدا، كىرودىيە-تۈركىيە دوستلۇق جەمئىيىتى، كىرودىيە ياشلار مۇزىكىلىق تىياتىر ئۆمىكى، تۈركىيەنىڭ زاگرېب شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، كىرودىيە مەدەنىيەت ۋە ئاخبارات مىنىستىرلىقى، زاگرېب شەھەرلىك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان كونسېرتتا، زاگرېب سىمفونىيە ئوركېستىرى بىلەن تۈرك رويالچى ھاقان ئەلى توكەر كونسېرت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىدى.
كىرودىيە-تۈركىيە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى گوران بېئۇس بايىربېرگ بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، كونسېرت بېلىتىدىن كىرگەن كىرىمنىڭ تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىگىلىنىشىچە، كونسېرتقا 1300 كىشى ئىشتىراك قىلغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

تۈركىيەدىكى 19 ئۇنىۋېرسىتېت ياۋروپانىڭ ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلىرى تىزىملىكىگە كىردى
تۈركىيەدىكى 19 ئۇنىۋېرسىتېت «ياۋروپادىكى ئەڭ ياخشى» ئۇنىۋېرسىتىتلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.