تاكسىم جامەسىدىن مەسجىدى ئەقساغا سالام يوللاندى
ئىستانبۇلدىكى تاكسىم جامەسىگە «مەسجىدى ئەقساغا سالام» دېگەن خەت يېزىلغان چىراغلار ئېسىلدى.
1971822
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئون بىر ئاينىڭ سۇلتانى» رامىزان ئېيىغا خاس ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئەنئەنىسى ۋە مىراسى بولغان بېزەكلىك خەتلەردىن تەشكىل تاپقان چىراغلار جامەلەرنى زىننەتلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا قىلغان ھۇجۇمى سەۋەبىدىن تاكسىم جامەسىگە «مەسجىدى ئەقساغا سالام» دېگەن خەت يېزىلغان چىراغلار ئېسىلدى.