دۇنياغا داڭلىق سەنئەتچىلەر رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىدى
دۇنياغا داڭلىق سەنئەتچىلەر خۇسۇسىي تاراتقۇ ئادرېسلىرىدا رامىزان ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەلىك سەنئەتچى يۇسۇف ئىسلام ئىنستاگرام ئادرېسىدا 2018-يىلى ئېلان قىلغان «روزا ئاي» ناخشىسى بىلەن رامىزان ئېيىنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرىدىغان ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىدى.
ئەسلى لىۋانلىق شىۋېتسىيە پۇقراسىR&B ناخشىچى ماھىر زائىن ئىنستاگرامدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، رامىزان ئېيىنىڭ بارلىق كىشىلەرگە خەيرىلىك بولۇشىنى تىلەپ: «بۇ مۇبارەك كۈنلەردىن ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىن بولۇش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى شەكىلدە پايدىلىنايلى. رامىزان ئېيى بويىچە خاتىرجەملىك، شاد-خۇراملىق ۋە بەرىكەت بىزگە يار بولسۇن» دېدى.
ئامېرىكالىق مودېل بېللا خادىد ئىنستاگرام ئادرېسىدا رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەيدىغان بىر پارچە رەسىمنى ھەمبەھىرلەپ: «رامىزان ئېيىڭلار مۇبارەك بولسۇن. ھەممىڭلارغا خاتىرجەملىك تىلەيمەن» دېدى.
رەپ ناخشچىسى دج خالىد (DJ Khaled) ئۆزىنىڭ تاراتقۇ ئادرېسىدا: «رامىزان ئېيىڭلار مۇبارەك بولسۇن» دېگەن ئۇچۇرنى ھەمبەھىرلىدى.
«SZA» ئىسمى بىلەن تونۇلغان ئامېرىكالىق ناخشچى سولانا ئىمانى روۋې ئامېرىكالىق مودېل بېللا خادىدنىڭ ئۇچۇرىغا ئىنكاس قايتۇردى ۋە ئىنستاگرامدىكى ئادرېسىدا ھەمبەھىرلىدى.