شەنتوپ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
1963244
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى شەنتوپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەپ ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «مولچىلىق ھەم بەرىكەتنىڭ سىمۋولى، باھارنىڭ خەۋەرچىسى بولغان نورۇز بايرىمىنىڭ ئەزىز خەلقىمىزگە، شۇنداقلا كۆڭۈل جۇغراپىيەمىزدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا بەخت – سائادەت ئېلىپ كېلىشىگە تىلەكداشمەن. باھار بەرىكەت ئېلىپ كەلگەي؛ دۆلىتىمىزدە ۋە پۈتكۈل دۇنيادا سۆيگۈ، تىنچلىق، دوستلۇق ۋە ياخشىلىق بىخ ئۇرغاي!»