دۇنيادىكى يېشى ئەڭ چوڭ ئادەم ۋاپات بولدى

«دۇنيادىكى يېشى ئەڭ چوڭ ئادەم» ئۇنۋانىنى ئالغان 118 ياشلىق فىرانسۇز راھىبە لۇسىلې راندون (Lucile Randon) ۋاپات بولدى.

1934177
دۇنيادىكى يېشى ئەڭ چوڭ ئادەم ۋاپات بولدى
Fransız rahibe Lucile Randon.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادىكى يېشى ئەڭ چوڭ ئادەم لۇسىلې راندون تۇرۇۋاتقان فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان توۋلۇن شەھىرىدىكى ساناتورىيەنىڭ مەسئۇللىرى، راھىبەنىڭ سەيشەنبە كۈنى (2023-يىلى 17-يانۋار) كارىۋىتىدا جان ئۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەسئۇللار راھىبە راندوننىڭ ئۆلۈمىدىن قايغۇرغانلىقلىرىنى، ئەمما مەرھۇمنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

2022-يىلى 25-ئاپرېلدىن تارتىپ «دۇنيادىكى يېشى ئەڭ چوڭ ئادەم» ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان راھىبە راندون 1904-يىلى فېۋرالدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ 2021-يىلنىڭ بېشىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىنى (Kovid-19) يەڭگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر