ت ر ت فىلىملىرى دۇنيادا تەسىر قوزغىماقتا

تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى- ت ر ت ئىشلىگەن ياكى ت ر ت قوللىغان فىلىملەر دۇنيا كىنو-فىلىم ساھەسىدە تەسىر پەيدا قىلماقتا.

1907918
ت ر ت فىلىملىرى دۇنيادا تەسىر قوزغىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادىكى نوپۇزلۇق مۇكاپاتلاردىن بىرى بولغان 95-قېتىملىق ئاكادېمىيە مۇكاپاتلىرىنىڭ «ئەڭ ياخشى خەلقئارالىق فىلىم» كاتېگورىيەسىدە رىقابەتلىشىدىغان نامزات فىلىملەرنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ فىلىملىرى ئارىسىدا، ت ر ت بىرلىكتە ئىشلىگەن ياكى قوللىغان تۆت فىلىم بار.

ت ر ت بىرلىكتە ئىشلىگەن «كلوندىكە» فىلىمى ئۇكرائىنانىڭ؛ ت ر ت قوللىغان «ئا باللاد» فىلىمى بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ؛ ت ر ت قوللىغان «A Piece of Sky» شىۋېيتسارىيەنىڭ؛ ت ر ت قوللىغان «Victim» فىلىمى سىلوۋېنىيەنىڭ «ئەڭ ياخشى خەلقئارالىق فىلىم» كاتېگورىيەسى ئىچىدىن ئورۇن ئالدى.

كان (Cannes) فىلىم فېستىۋالىدا «ئالتۇن پالما» غا ئېرىشكەن ت ر ت بىرلىكتە ئىشلىگەن «Triangle of Sadness» فىلىمى بولسا، ئوسكار فېستىۋالىدا ئەڭ ياقتۇرۇلغان فىلىملەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

95-قېتىملىق ئاكادېمىيە مۇكپاتلىرى 2023-يىلى 12-مارت ئامېرىكانىڭ لوس ئانژېلىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمدا تارقىتىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر