ئەردوغان بىلەن شەنتوپ ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچنى خاتىرىلەپ ئۇچۇر تارقاتتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسى (ت ب ب م) باشلىقى مۇستاپا شەنتوپ بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ تۇنجى پىرېزىدېنتى ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچنى خاتىرىلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «خەلقىگە قىلغان رەھبەرلىكى ۋە خىزمەتلىرى بىلەن نامىنى تارىخ سەھىپىلىرىگە يازدۇرغان، دوست ۋە قېرىنداش بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ تۇنجى پىرېزىدېنتى، دەۋا ۋە پىكىر ئەربابى مەرھۇم ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچنى ۋاپاتىنىڭ 19 – يىلىدا سېغىنىش ۋە ھۆرمەت ئىچىدە ياد ئېتىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسى باشلىقى مۇستاپا شەنتوپمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا تارقاتقان ئۇچۇرىدا: «ئورتاق مەدەنىيىتىمىز مۆھۈرىنى باسقان قېرىنداش بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ ئۇنتۇلماس رەھبىرى ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچنى ۋاپاتىنىڭ خاتىرە كۈنىدە سېغىنىش ۋە ھۆرمەت ئىچىدە ئەسلەيمەن. دانىشمەن شاھنىڭ مۇستەقىللىق يولىدىكى مۇبارەك ۋە شەرەپلىك سەپىرى قەتئىي ئۇنتۇلمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.