«تۈركچە دۇنيا ياشلىرى ئەڭ ياقتۇرۇپ ئۆگىنىدىغان 5 – تىل»

تۈرك تىلى تەتقىقات ئورگىنىنىڭ رەئىسى پىروفېسسور دوكتور گۈرەر گۈلسەۋىن، تۈرك تىلىنىڭ دۇنيا ياشلىرى   ئەڭ ياقتۇرۇپ ئۆگىنىدىغان 5 – تىل ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1891109
«تۈركچە دۇنيا ياشلىرى ئەڭ ياقتۇرۇپ ئۆگىنىدىغان 5 – تىل»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۈرەر گۈلسەۋىن، كۈتاھيادا ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا تىلى تۈركچە» تېمىلىق كونفېرانستا قىلغان سۆزىدە، تۈركچەنىڭ دۇنيا تىلىغا ئايلانغانلىقىنى، تۈرك تىلىنىڭ تارىخنىڭ ئەڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدىن باشلاپ يېزىقچىلىق، ئەدەبىيات، دۆلەت، رەسمىي ۋە مائارىپ تىلى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭمۇ نۆۋەتتە  ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ھەربىي كۈچى ۋە مەدەنىيەت بايلىقى ھەم مۇھىم جۇغراپىيەلىك ئورنى سايىسىدا ئەرمەنلەر، رۇسلار، ئەرەبلەردىن تارتىپ پۈتكۈل جەنۇبىي ئامېرىكاغىچە بولغان ئېتىبارى، تۈرك تىلىنى ئۆگىنىشنى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزدى.»

ئۇ يەنە،  تۈرك تىلىنىڭ دۇنيا ياشلىرى  ئەڭ ياقتۇرۇپ ئۆگىنىدىغان 5 – تىل ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر