شىۋېتسىيەلىك ئالىم نوبېل تېببىي مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2022-يىللىق نوبېل تېببىي مۇكاپاتى شىۋېتسىيەلىك بىيولوگ سۋانتې پابوغا (SvantePaabo) بېرىلدى.

1887806
شىۋېتسىيەلىك ئالىم نوبېل تېببىي مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيەلىك بىيولوگ سۋانتې پابو 2022-يىللىق نوبېل تېببىي مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

2022-يىللىق نوبېل مۇكاپاتلىرى شىۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولمدىكى كارولىنسكا ئىنىستۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، ساھىپلىرىغا بېرىلدى.

شىۋېتسىيەلىك ئالىم سۋانتې پابو «ئادەمنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى» غا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات بىلەن، 2022 -يىللىق نوبېل تېببىي مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

ئۇ زامانىۋى ئىنسانلارنىڭ گېنلىرى ۋە يوقىلىپ كەتكەن«Neanderthals»ۋە«Denisovans»نى سېلىشتۇرۇپ، تۈرلەر ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان تەتقىقاتلارغا باشچىلىق قىلدى.

نوبېل تېببىي مۇكاپاتى ئۆتكەن يىلى (2021) داۋىد جۇلىيۇس بىلەن ئاردېم پاتاپوتىيانغا ئادەم بەدىنىدىكى ئىسسىقلىق ۋە ئالاقىلىشىش قوبۇللىغۇچلىرىنى بايقىغانلىقلىرى ئۈچۈن بېرىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر