ۋۇخەن ۋىرۇسى كىشى مىجەزىنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولغان

ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ (Kovid-19) ياشلارنىڭ مىجەزىنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

1886488
ۋۇخەن ۋىرۇسى كىشى مىجەزىنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:«نىيۇس مېدىكال» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا فلورىدا ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېت تېببىي فاكۇلتېتىنىڭ بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ كىشى مىجەزىگە كۆرسەتكەن تەسىرلىرىنى تەكشۈرگەن.

تەتقىقاتچىلار 7109 كىشىنىڭ مىجەز ئۆزگىرىشىنى تەكشۈرگەندە، «نېرۋا ئاجىزلىقى، ئوچۇق-يورۇقلۇق، ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش، ماسلىشىشچانلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىش» تىن ئىبارەت بەش خاراكتېر ئامىلىنى ئاساس قىلغان. بۇنىڭدا، ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن بۇرۇنقى مەزگىلنى (2014-يىلى مارت-2020-يىلى فېۋرال)، ۋۇخەن ۋىرۇسى دەسلەپتە ئوتتۇرىغا چىققان 2020-يىلى مارتتىن دېكابىرغىچە بولغان مەزگىلنى ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ كېيىنكى مەزگىلى بولغان 2021- ۋە 2022-يىلنى ئايرىغان.

ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن كېيىن، ياشلارنىڭ تەتۈر، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان، ئاسان ھەمكارلاشمايدىغان، باشقىلارغا ئاسانلىقچە ئىشەنمەيدىغان ۋە مەسئۇلىيەتنى ئاز ئۈستىگە ئېلىشنى ئويلايدىغان بولۇپ قالغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان.

ئوتتۇرا ياشلاردا كىچىك ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلگەن، ئەمما ياشانغانلار توپىدا ئىستاتىستىكىلىق جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولمىغان

تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق يېتەكچىسى پىروفېسسور ئەنجىلىنا سۇتىن ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ياشلاردا مىجەزىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى:

«بىز بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ۋاقىتلىقمۇ ياكى مەڭگۈلۈكمۇ بۇنى تېخىچە بىلمەيمىز، ئەمما داۋاملاشسا ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن.»

تەتقىقات ماقالىسى «PLOS ONE» ئىلمىي تەتقىقات ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر