ئالەم كېمىسى بىلەن مېتېئورېت تېشىنىڭ سوقۇلۇشى پىلانلىق ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى

ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) نىڭ ئالەم كېمىسى «DART» پىلانلىق ھالدا يەرشارىدىن تەخمىنەن 11 مىليون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مېتېئورېت تېشىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك سوقۇلدى.

1884943
ئالەم كېمىسى بىلەن مېتېئورېت تېشىنىڭ سوقۇلۇشى پىلانلىق ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرشارىنىڭ مېتېئورېت تېشى ياكى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلارنىڭ تەھدىتىدىن مۇداپىئەلىنىش تېخنىكىسىنى سىناش ئۈچۈن ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلگەن ئالەم كېمىسى «DART»  يەرشارىغا تەھدىت ھېسابلانمايدىغان <دىمورفوس> ناملىق  مېتېئورېت تېشىغا دەل ۋاقتىدا سوقۇلدى.

مېتېئورېت تاشلىرىنىڭ يۆنۈلۈشىنى ئۆرگەرتىش سىنىقى ئۈچۈن تەييارلانغان «DART» ئالەم كېمىسى <دىمورفوس> ناملىق  مېتېئورېت تېشىنى ئوربىتادىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن سائىتىگە تەخمىنەن 23 مىڭ كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئىتتىردى.

سوقۇلۇش ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسانىڭ تور بېكىتى ۋە بارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا بىۋاسىتە تارقىتىلدى.

بۇ سوقۇلۇش كەلگۈسىدە تەھدىت بولۇش ئېھتىمالى بولغان ئاسمان جىسىملىرىنى ئۆلچەش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۇنجى سىناق سۈپىتىدە پىلانلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

سوقۇلغان ۋاقتى ئالەم كېمىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان كامېرادىن باشقا يەنە، «Hubble»، «Webb» ۋە «Lucy» ناملىق تېلېسكوپلار ئارقىلىقمۇ سىنغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر