ئەردوغان: «تۈرك تىلى بايرىمى» كۈنىنىڭ تۈرك تىلىنى قوغداشقا ۋەسىلە بولۇشىغا تىلەكداشمەن
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «تۈرك تىلى بايرىمى» كۈنىنىڭ تۈرك تىلىنى قوغداش ۋە پاساھەت – بالاغەتلىرى بىلەن بىرلىكتە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
1884865
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «<تۈرك تىلى بايرىمى> كۈنىنىڭ تۈرك تىلىنى قوغداش ۋە پاساھەت – بالاغەتلىرى بىلەن بىرلىكتە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىشىغا تىلەكداشمەن. پۈتكۈل خەلقىمگە چىن دىلىمدىن قىزغىن سالام يوللايمەن.»