قاھرامانماراشتا 7600 يىللىق تارىخقا ئىگە ئايال ئىسكىلىت تېپىلدى
قاھرامانماراشنىڭ تۈركئۆغلۇ ناھىيەسىگە قاراشلىق دومۇزتەپە تېغىدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخىئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، 7600 يىللىق تارىخقا ئىگە دەپ قارالغان ئايال ئىسكىلىت تېپىلدى.
1883186
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە ئائىت ئەڭ كەڭ ئولتۇراق رايونلاردىن بىرسى دەپ باھا بېرىلگەن دومۇزتەپەدىكى قەبرىدىن پۇتلىرى قورسقى تەرەپكە قاتلانغان ۋە يانتو ياتقۇزۇلغان شەكىلدە بىر ئايال ئىسكىلىت تېپىلدى.
ئىسكىلىت قېزىش گۇرۇپپىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن تەكشۈرۈلمەكتە.