ئەنگلىيە ئايال پادىشاھ ئۈچۈن بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇردى

ئەنگلىيەدە 8-سېنتەبىر (2022) ۋاپات بولغان ئايال پادىشاھ 2-ئېلىزابېتنى خاتىرىلەش ئۈچۈن مەملىكەت بويىچە بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇلدى.

1881509
ئەنگلىيە ئايال پادىشاھ ئۈچۈن بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن (2022-يىلى 18-سېنتەبىر) ئەنگلىيەدە 96 يېشىدا ۋاپات بولغان ئايال پادىشاھ 2-ئېلىزابېتنى خاتىرىلەپ مەملىكەت مىقياسىدا ئەنقەرە ۋاقتى 22.00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 19-سېنتەبىر سائەت 01.00 دە بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇلدى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى لىز تراس (Liz Truss) ۋە يولدىشى خىيۇ ئولېرىي (Hugh O'Leary) ئايال پادىشاھنىڭ ھاياتى ۋە ئۇ قالدۇرغان مىراسىنى ئويلاش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۈكۈتتە تۇرۇش پائالىيىتىگە، باش ۋەزىرلىك مەھكىمىسىنىڭ 10-نومۇرلۇق بىناسى ئالدىدا قاتناشتى.

ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى 2-ئېلىزابېت 8-سېنتەبىر دەم ئېلىۋاتقان شوتلاندىيەدىكى بالمورال قەلئەسىدە ۋاپات بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر