پارىژلىقلار شاۋقۇن-سۈرەنسىز كۈننىڭ كەپيپىنى چىقاردى

فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا تۈنۈگۈن (2022-يىلى 18-سېتەبىر) كۈندۈز تەرەپتە «8-قېتىملىق پارىژ نەپەسلىنىۋاتىدۇ» پائالىيىتى رامكىسىدا قاتناش توختىتىلدى.

1881568
پارىژلىقلار شاۋقۇن-سۈرەنسىز كۈننىڭ كەپيپىنى چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت تور بېكىتىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، پارىژ شەھىرىدە بۇ يىل (2022) 8-قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن «پارىژ نەپەسلىنىۋاتىدۇ» پائالىيىتى رامكىسىدا، شۇ يەر ۋاقتى سائەت 11.00 دىن 18.00 گىچە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى توختىتىلغان.

پارىژدا سكوتېر (Scooter) مىنگەنلەر، چاقلىق تاختا ياكى تېيىلىش تاختىسى بارلار، يۈگرەپ بەدەن چېنىقتۇرغانلار ۋە پىيادە سەيلە قىلغانلار ئاپتوموبىلسىز كوچىلارنىڭ كەيپىنى چىقاردى.

پارىژدىكى چەكلەش بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلمىغان شوپۇرلارغا 135 ياۋرو جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرى، تاكسى ۋە قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىنىڭ شوپۇرلىرى بۇ چەكلىمىدىن مۇستەسنا تۇتۇلدى، ئەمما قاتناشقا رۇخسەت قىلىنغان سۈرئەت چەكلىمىسى تۆۋەنلىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر