داڭلىق سەنئەتچى تاركان ئىزمىردا كونسېرت بەردى

داڭلىق سەنئەتچى تاركان ئىزمىرنىڭ دۈشمەن ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شەھەرنىڭ گۈندوغدۇ مەيدانىدا كونسېرت بەردى.

1878252
داڭلىق سەنئەتچى تاركان ئىزمىردا كونسېرت بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىزمىرنىڭ دۈشمەن ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى، تارىخىي كوردون بويۇدا ئۆتكۈزۈلگەن پانۇس مۇراسىمى بىلەن باشلاندى.

تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە، ئىزمىرنىڭ دۈشمەن ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنىش جەريانى تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم ۋە خەلق ئورۇنلىرى كۆرسىتىلدى. بۇ دائىرىدە، داڭلىق سەنئەتچى تاركان كونسېرت بەردى.

ئىزمىر، 1922 – يىلى 9 – سېنتەبىر كۈنى، تۈركىيە ئارمىيەسى گىرېتسىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەھەرگە كىرىپ، دۈشمەنگە قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن، 26 – ئاۋغۇست كۈنى باشلانغان بۇ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشقان جاي بولغانىدى.

ئىزمىرنىڭ ئازاد قىلىنىشى، تولۇق مۇستەقىللىقنىڭ يولىنى ئېچىپلا قالماي، ئانادولۇنىڭ ئازاد قىلىنىشىنىڭمۇ سىمۋولىغا ئايلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر