فاتىھ سۇلتان مەھمەت كۆۋرۈكى ئۇكرائىنا بايرىقى بىلەن يورۇتۇلدى

ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت كۆۋرۈكى ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىققە ئېرىشكەنلىكىنىڭ 31-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇكرائىنا بايرىقىنىڭ رەڭگىگە پۈركەلدى.

1872096
فاتىھ سۇلتان مەھمەت كۆۋرۈكى ئۇكرائىنا بايرىقى بىلەن يورۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاتىھ سۇلتان مەھمەت كۆۋرۈكى ئۇكرائىنا بايرىقى بىلەن يورۇتۇلدى. مۇھىم كۈنلەردە رەڭلىك نۇرلار بىلەن يورۇتۇلىدىغان ۋە ئىستانبۇلنىڭ سىمۋوللىرىدىن بىرى بولغان ئاسىيا-ياۋروپا قىتئەلىرىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان فاتىھ سۇلتا مەھمەت كۆۋرۈكى، بۇ قېتىم ئۇكرائىنا مۇستەقىللىقىنىڭ 31-يىللىقىدا، ئۇكرائىنا بايرىقى بىلەن يورۇتۇلدى.

كۆۋرۈك كۆك ۋە سېرىق رەڭلەرگە پۈركەلدى. يورۇتۇش بۈگۈن (2022-يىلى 25-ئاۋغۇست) ئەتىگەنگىچە داۋاملاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر