ئامېرىكادىكى بەختلىك ئايال

ئامېرىكانىڭ پېنسلۋانىيە ئىشتاتىدا 99 ياشلىق بىر ئايال 100-چەۋرىسى بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

1869334
ئامېرىكادىكى بەختلىك ئايال

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كرىستىن ستوكس (ChristineStokes) ۋە ئايالى پاترىك بالستېر (Patrick Balster) 4-ئاۋغۇست (2022) دۇنياغا كەلگەن كوللېر ۋىليامنى (Koller William) چوڭ ئانىسى مارگېرىت (Marguerit) بىلەن تونۇشتۇرغانلىقىنى، چوڭ ئانا مارگېرىتنىڭ بۇ «ھەممە ئادەمگە نېسىپ بولمايدىغان خۇشۇللىق» تىن ئىنتايىن ھاياجانلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

99 ياشلىق چوڭ ئانا مارگېرىتنىڭ 11 پەرزەنتى، 56 نەۋرىسى ۋە 100 چەۋرىسى بار. چوڭ ئانا مارگېرىت بۇ يىل (2022) نويابىردا 100 ياشقا كىرىدىغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش سىرىنىڭ، كۈندە ئىككى قېتىم بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئائىلەسىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈسى ۋە قوللىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

چوڭ ئانا مارگېرىت ياشىنىپ قالغان بولۇشىغا قارىماي، توي-تۆكۈن ۋە مۇراسىملارغا قاتنىشىشنى قولدىن بېرىپ قويمايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر