ئەردوغان ھىجىرىيە يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېڭى ھىجرىيە يىلىنى تەبرىكلەپ ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى.

1861385
ئەردوغان ھىجىرىيە يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا يېڭى ھىجىرىيە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك ئۇچۇرى ھەمبەھرىلەپ: «خەلقىمىز ۋە ئىسلام ئالەمىنىڭ ھىجىرىيە 1444 – يىلىنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن، ئاللاھتىن يېڭى يىلنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ساغلاملىق، تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىشىنى تىلەيمەن. يېڭى ھىجرىيە يىلىمىز مۇبارەك بولسۇن!» دېدى.

ئەردوغان ئۇچۇرىدا كەبەنىڭ سۈرىتىگىمۇ ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر