نوترېدام كاتېدرالى 2024-يىلى قايتىدىن زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىدۇ
فىرانسىيەنىڭ سىمۋوللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان ۋە يۈز بەرگەن نۇرغۇن ئۇرۇشلاردا ئامان-ئېسەن قالغان دۇنياغا داڭلىق 875 يىللىق تارىخقا ئىگە نوترېدام كاتېدرالى 2024-يىلى قايتىدىن زىيارەتچىلەرگە ئېچىلىدۇ.
1861059

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە مەدەنىيەت مىنىستىرى رىما ئابدۇل مالاك 2019-يىلى يۈز بەرگەن ئورت ئاپىتىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان كاتېدرالنى رېمونت قىلىش ئىشلىرىنىڭ 2024-يىلدا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ۋە ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كاتولىك چېركاۋى «خىرىستىيان دىنىنىڭ فىرانسىيەدىكى سىمۋولى» دەپ قارايدىغان كاتېدرالنىڭ ئۇلى 1163-يىلى شۇ ۋاقىتتىكى پاپا تەرىپىدىن قويۇلغان ۋە قۇرۇلۇشى 300 يىل داۋاملاشقان. بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى (2019) كاتېدرالدا سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئوت كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەەقەدە، كاتېدرالنىڭ ئېگىزلىكى 96 مېتىر كېلىدىغان مۇنارىدىن بىرى ۋە ئۆگزىسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بىنا ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.
ئەينى ۋاقىتتا، كاتېدرالنى قايتا رېمونت قىلىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تەخمىنەن 844 مىليون ياۋرو رېكورت سەۋىيەدە ئىئانە توپلانغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

بەرائەت كېچىسى بۈگۈن كەچتە ئالاھىدە خاتىرىلىنىدۇ
رامىزان ئېيىنىڭ خۇش خەۋەرچىسى دەپ قارالغان بەرائەت كېچىسى، بۈگۈن كەچتە ئالاھىدە خاتىرىلىنىدۇ.

«بەرات قەندىلى» ئەتە ئىدراك قىلىنىدۇ
رامىزان ئېيىنىڭ خۇش خەۋەرچىسى بولغان «بەرات قەندىلى (كېچىسى)» ئەتە ئىدراك قىلىنىدۇ.