تۈركىيە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىدە ئىككىنچى بولغان

تۈركىيە 2021-يىلى مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە سېلىشتۇرۇلغاندا ئەڭ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدىكى يۇقىرى ئورنىنى ساقلاپ قالدى.

1860129
تۈركىيە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىدە ئىككىنچى بولغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى ئەنگلىيەگە جايلاشقان «Development Initiatives» ناملىق تەشكىلات تەرىپىدىن تەييارلانغان 2022-يىللىق دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا 9 مىليارد 768 مىليون دوللارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بىلەن تىزىملىكنىڭ بىرىنچى رىتىدىن ئورۇن ئالغان. تۈركىيە بولسا، 5 مىليارد 587 مىليون دوللارلىق ياردەم بىلەن ئىككىنچى رەتتىن ئورۇن ئالغان. تۈركىيە 2013، 2014 ۋە 2015-يىللىرى ئۈچىنچى رەتتىن، 2016- ۋە 2020-يىللىرى ئىككىنچى رەتتىن، 2018- 2019-يىللىرى بىرىنچى رەتتىن ئورۇن ئالغان ئىدى. 2020-يىلى بولسا، مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە سېلىشتۇرۇلغاندا، ئەڭ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.

دوكلاتتا، تۈركىيەدە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان سۈرىيەلىكلەرگە قىلىنىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ بۇنىڭغا كىرگۈزۈلمىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، 2021-يىلى يەمەن، سۈرىيە، پەلەستىن، ئافغانىستان، ئېفىيوپىيە ۋە جەنۇبىي سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەر ئەڭ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە ئېرىشكەن دۆلەتلەر بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر