ئەزەربەيجان ت ر ت نى مۇكاپاتلىدى

ئەزەربەيجاندا 2-قېتىملىق قاراباغ ئۇرۇشىدا (2020-يىلى 27-سېنتەبىردىن 10-نويابىرغىچە) ئىشلىگەن خەۋەرلىرى سەۋەبىدىن تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى- ت ر ت غا مۇكاپات بېرىلدى.

1858091
ئەزەربەيجان ت ر ت نى مۇكاپاتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاندا دۆلەت ئاخبارات كۈنى تەبرىكلەندى.

دۆلەت ئاخبارات كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، نامىنى ئەزەربەيجاننىڭ تۇنجى قېتىم تۈركچە نەشىر قىلىنغان «ئەكىنجى» گېزىتىدىن ئالغان مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا، ئەزەربەيجاننىڭ سىياسەت، سەنئەت ۋە ئاخبارات دۇنياسىدىكى داڭلىق كىشىلەر قاتناشتى.

مۇراسىمدا ت ر ت، ئەزەربەيجاننىڭ ئاخبارات تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقانلىقى، قاراباغ ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مۇساپىدە ئىشلىگەن خەۋەر-پىروگراممىلىرى سەۋەبىدىن مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى.

ت ر ت نىڭ ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مۇرات ئاككوچ ت ر ت غا ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر