كىرودىيەدە «تۈركىيە كۈنلىرى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

كىرودىيەنىڭ داردا شەھىرىدە زاگرەب يۇنۇس ئەمرە ئېنستىتۇتى تەرىپىدىن «تۈركىيە كۈنلىرى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

1856149
كىرودىيەدە «تۈركىيە كۈنلىرى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دجولا يەرلىك ساياھەت جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت دائىرىسىدە، قاتناشقۇچىلارغا ئوقيا ئېتىش ۋە ھۆسنىخەت سەنئىتى ئۆگىتىلدى، لوقۇم، قەھۋە ۋە چاي قاتارلىق تۈركىيە تائاملىرىنىڭ ئۈلگىلىرى تەقدىم قىلىندى.

زاگرەب يۇنۇس ئەمرە ئېنستىتۇتىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچى مۇدىرى فۇئات كوركماز ئۆزلىرىنىڭ دجولا يەرلىك ساياھەت جەمئىيىتى بىلەن 2018-يىلدىن بۇيان بىرلەشمە پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، بارلىق قاتناشقۇچىلارغا رەخمەت ئېيتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر