سەئۇدى ئەرەبىستان بۈگۈندىن ئېتىبارەن ئۆمرە ۋىزىسى بېرىشنى باشلايدىغان بولدى

سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج زىيارىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۆمرە زىيارىتى ئۈچۈن ۋىزا ئىلتىماسلىرىنى بۈگۈندىن باشلاپ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1855265
سەئۇدى ئەرەبىستان بۈگۈندىن ئېتىبارەن ئۆمرە ۋىزىسى بېرىشنى باشلايدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ۋە ئۆمرە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن مەككە ۋە مەسجىدى نەبەۋى زىيارىتى ئۈچۈن ۋىزاغا ئىلتىماس سۇنسا بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن ئۆمرە زىيارەتلىرىنىڭ 30-ئىيۇلدىن ئېتىبارەن باشلىنىدىغانلىقى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىچىدىن ئۆمرە قىلماقچى بولغانلارنىڭ توردىن ئىلتىماس سۇنسا بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

 كوۋىد -19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن 2020-يىلدىن 2021-يىلغىچە چەتئەللەردىن ھاجى نامزاتلىرىنى قوبۇل قىلمىغان سەئۇدى ئەرەبىستان، بۇ يىل ھەج مەزگىلىدە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن جەمئىي بىر مىليون ساياھەتچىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر