ئىسپانىيەنىڭ سېۋىللا شەھىرىدە ئىسسىق ھاۋا دولقۇنلىرىغا ئىسىم قويۇش باشلاندى

ئىسپانىيەنىڭ سېۋىللا شەھىرى ئىسسىق ھاۋا دولقۇنلىرىغا ئىسىم بەرگەن ۋە تۈرلەرگە ئايرىغان تۇنجى شەھەر بولىدۇ.

1848535
ئىسپانىيەنىڭ سېۋىللا شەھىرىدە ئىسسىق ھاۋا دولقۇنلىرىغا ئىسىم قويۇش باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئىسپانىيەنىڭ سېۋىللا شەھىرى يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇراسىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشى نەتىجىسىدە، ئاھالىلەرنى قوغداش مەقسىتىدە ھەرىكەتكە ئۆتتى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تىروپىك بورانلىرى ۋە قۇيۇنلارغا ئىسىم بېرىلگىنىگە ئوخشاش، ئىسسىق ھاۋا دولقۇنلىرىغىمۇ ئىسىم قويۇلىدىكەن. بىر يىل داۋاملىشىدىغان مەزكۇر پىلاندا يەنە، ئىسسىق ھاۋا دولقۇنلىرى ئۈچ كاتېگورىيەگە ئايرىلىدىكەن.

سېۋىللا شەھەر باشلىقى ئانتونىيو بۇنىڭ، مۇنوز ھاۋا بۇلغىلىمىلىرىنى ئازايتىشتىن كاربونسىزلاشتۇرۇشقىچە بولغان كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان كەڭ دائىرىلىك بىر قاتار ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ پارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سېۋىللا شەھىرىنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇراسى دائىم 40 گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدۇ. ئۆتكەن يىلى (2021) سېۋىللا شەھىرىگە 160 كىلومېتىر كېلىدىغان مونتورودا ھاۋا تېمپېراتۇراسى 47.4 گىرادۇسقا چىققان بولۇپ، بۇ ئىسپانىيەدە خاتىرىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇراسى بولۇپ قالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر