دەنىزلىدە 8 مىليون يىللىق تارىخقا ئىگە ھايۋانات تاش قاتمىلىرى تېپىلدى
دەنىزلىدە بۇنىڭدىن 8 مىليون يىل بۇرۇنقى دەۋرىدە ياشىغان ھايۋاناتلارغا ئائىت تاش قاتمىلار تېپىلدى.
1847871




تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دەنىزلى ۋىلايىتىنىڭ تاۋاس ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋامىدا، پىل، كەركىدان، زىراپە، ئات، بۆكەن، جەرەن، سىرتلان ۋە چۈمۈلىخور قاتارلىق ھايۋاناتلارغا ئائىت تاش قاتمىلار تېپىلدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۇنجى بايقاشلار، بۇ رايوندا 15 خىل ئوخشىمىغان ھايۋانات تۈرىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. تاش قاتمىلارغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە بۇ ھايۋانلارنىڭ تۈرى ئېنىق بېكىتىلىدىكەن.
بۇ تاش قاتمىلار تەخمىنەن 8 مىليون يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، رايوندىكى تەتقىقاتلار داۋاملاشماقتا ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

سۈنئىي ئەقىل مال باھاسىغا قانداق تەسر كۆرسىتىدۇ؟
سۈنئىي ئەقىلنىڭ تېز سۈرئەتتە ئومۇملىشىشى مال باھاسىنى چۈشۈرىدۇ، دەپ قارالماقتا.