شىۋېيتسارىيەدىكى تۈرك كۈلتۈر فېستىۋالى زور قىزىقىش قوزغىدى

شىۋېيتسارىيەنىڭ زۇرىخ شەھىرىدە بۇ يىل ئىككىنچى نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك كۈلتۈر فېستىۋالى شىۋېيتسارىيەدە ياشايدىغان تۈركلەرنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىدى.

1846139
شىۋېيتسارىيەدىكى تۈرك كۈلتۈر فېستىۋالى زور قىزىقىش قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەخمىنەن 20 مىڭ كىشى قاتناشقان فېستىۋالدا، تۈرك كۈلتۈرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئەبرو رەسىم سەنئىتى ۋە ئەينەك سەنئىتى بىلەن ئەنئەنىۋى تۈرك تاماقلىرى تونۇشتۇرۇلدى.

تۈرك كۈلتۈر فېستىۋالى ئىشتىراكچىلار ئارىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان چەك تاشلاش ئارقىلىق سوۋغات تارقىتىش پائالىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى.

چەك تاشلاشتا، بىر كىشى ئۇمرە ساياھىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

شىۋېيتسارىيە تۈرك دىنىي فوندى جەمئىيىتى تەشكىللىگەن فېستىۋالنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىكى 2018-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبىدىن ئىككىنچى نۆۋەتلىك فېستىۋال 3 يىل كېچىكتۈرۈلگەن بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر