ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى خالىسىڭىز ئۈمىدۋار ياشاڭ
ئامېرىكادا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئەڭ ئۈمىدۋار كىشىلەرنىڭ 90 ياشتىن ھالقىپ ياشاش ئېھتىماللىقى ئۈمىدۋار ئەمەس كىشىلەرگە قارىغاندا %10 يۇقىرى بولىدىكەن.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئامېرىكا ياشانغانلار جەمئىيىتى ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان ۋە خارۋارد ئۇنىۋېرستېتى بىلەن بوستون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر گۇرۇپپا ئالىملار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات دائىرىسىدە، 159 مىڭ 255 ئايال كۆزىتىلگەن.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئالىملار ئۈمىدۋارلىقنىڭ ئىنسان ئۆمرىنىڭ %5.4 لىك ئېشىشقا، يەنى 4.4 يىل ئېشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى يەكۈنلىگەن.
مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى چۈشكۈنلۈك، سوزۇلما يۈرەك كېسەللىكلىرى، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي شەرتلەر نەزەرگە ئېلىنغاندىمۇ، بۇ نەتىجىلەرنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.
چېنىقىشنىڭ ساغلاملىق ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكى ۋە دائىملىق چېنىقىشنىڭ كىشىلەرنىڭ ئۆمرىنى 0.4 يىلدىن 4.2 يىلغىچە ئۇزارتىدىغانلىقىنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىنىدىغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ئالىملار: «بىزنىڭ تەتقىقاتىمىز، ئۈمىدۋارلىقنىڭ ئۈنۈمىنىڭ چېنىقىش بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

دەنىزلىدە 8 مىليون يىللىق تارىخقا ئىگە ھايۋانات تاش قاتمىلىرى تېپىلدى
دەنىزلىدە بۇنىڭدىن 8 مىليون يىل بۇرۇنقى دەۋرىدە ياشىغان ھايۋاناتلارغا ئائىت تاش قاتمىلار تېپىلدى.