ت ر ت خەلقئارا مېتاۋېرس ۋە ئاخباراتچىلىق مۇنبىرى ئىستانبۇلدا باشلاندى

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن: «تۈركىيەگە ئوخشاش بىر كۈچلۈك دۆلەتنىڭ، بارلىق ئىمكانىيەتلىرى بىلەن (metaverse) نى بەرپا قىلىش مۇساپىسىنىڭ پارچىسى بولۇشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز» دېدى.

1841263
ت ر ت خەلقئارا مېتاۋېرس ۋە ئاخباراتچىلىق مۇنبىرى ئىستانبۇلدا باشلاندى
zahid sobacı.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى-ت ر ت ئىستانبۇلدا «ت ر ت خەلقئارا مېتاۋېرس ۋە ئاخباراتچىلىق مۇنبىرى» نى باشلىدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن مۇنبەرنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلىپ: «ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبەرلىرى يېتىپ كەلگەن نۇقتىغا قارىغان ۋاقتىمىزدا، بۇلارنىڭ دۇنياغا تارقاتقان فاشىزمنى، پۈتكۈل دۇنياغا <دېموكراتىيە> نامى ئاستىدا بازارغا سالغانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە، چوڭ خەتەرگە دۇچ كەلگەنلىكىمىزنى ئىپادىلەيمىز. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىماستىن تەتۈر تەشۋىقات قىلالىغان بۇ مۇھىتتا، ئۆزلىرى ياخشى كۆرمىگەن ئاۋازلارنى قانداق باستۇرغانلىقلىرىنى ناھايىتى ياخشى بىلىمىز. بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، تۈركىيەگە ئوخشاش ئۆزىدىن چوڭ كۆڭۈل جۇغراپىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كۈچلۈك دۆلەتنىڭ، بارلىق ئىمكانىيەتلىرى بىلەن <مېتاۋېرس> نىڭ قۇرۇلۇش جەريانىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز» دېدى.

ت ر ت باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى: «بىز ت ر ت نىڭ <مېتاۋېرس> نىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇشى، ئەڭ كۈچلۈك ئاخبارات تارقىتىش ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولۇشى مەقسىتىدە، تۈركىيە ۋە دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان «مېتاۋېرس» لايىھەلەش ۋە تېخنولوگىيە شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، لايىھەلەش ۋە تېخنىكا ئۇل-ئەسلىھە خىزمەتلىرىنى باشلىدۇق» دېدى.

مۇنبەردە، «مېتاۋېرس لايىھەلەش»، «مېتاۋېرس بىزگە نېمىلەرنى ۋەدە قىلىدۇ؟»، «ئىنسانىيەتنى نېمىلەر كۈتۈۋاتىدۇ؟»، «مېتاۋېرستا مېديا، سەنئەت، مودا ۋە مائارىپ» قاتارلىق تېمىلاردا لېكسىيەلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر