بۈگۈن مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ مىللىي كۈرەش مەشئىلىگە ئوت ياققان كۈن

بۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى داھىي مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ 1919-يىلى 19-ماي سامسۇنغا بېرىپ، مىللىي كۈرەشنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياققانلىقىغا 103 يىل بولغان كۈن.

1829171
بۈگۈن مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ مىللىي كۈرەش مەشئىلىگە ئوت ياققان كۈن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر مىللەتنىڭ ئازادلىقىنىڭ خەلققە باغلىق ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ۋە ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيەسى لەڭگەر تاشلىغان ئىستانبۇلدىن سەپداشلىرى بىلەن ئانادولۇغا ئۆتكەن ئاتاتۈرك ،1919-يىلى 19-ماي سامسۇندا ياققان مەشئەل، 103 يىلدىن بېرى كۆيمەكتە.

ئاتاتۈرك تۈرك ياشلىرىغا سوۋغا قىلغان بۇ مۇھىم كۈن 1938-يىلى 20-ماي چىقىرىلغان قانۇن بىلەن ياشلىق ۋە تەنتەربىيە بايرىمى بولۇپ تەبرىكلىنىشكە باشلاندى.

19-ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلىق ۋە تەنتەربىيە بايرىمى مەملىكەت مىقياسىدا ۋە چەت ئەللەردىكى تۈركىيە ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرىدا ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر