توكايېۋ مىللەت كۇتۇپخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى
قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توكايېۋ پايتەخت ئەنقەرەدىكى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى يېنىدىكى مىللەت كۇتۇپخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
1825591




تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان-تۈركىيە سودا – سانائەتچىلەر ۋەكىللىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، توكايېۋ مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوقتاي بىلەن بىرلىكتە مىللەت كۇتۇپخانىسىغا باردى.
توكايېۋ: «ئۆزگەر، ئۆزگەرت، داۋاملاشتۇر» ناملىق كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، كۈتۈپخانىنىڭ قۇرۇلۇش باسقۇچىغا مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى كۆردى، نادىر ئاسارە-ئەتىقىلەر جايلاشقان بۆلەكنى زىيارەت قىلىپ، ئاسارە-ئەتىقىلەر ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى.
توكايېۋ قازاقىستان ھەققىدىكى كىتابلاردىن تەركىب تاپقان بۆلەكنى زىيارەت قىلىپ، مىللەت كۇتۇپخانىسى بايان قىلىنغان كىتابقا ئىمزا قويدى، ئاندىن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.