تۈركىيەنىڭ يەرلىك سۈنئىي ھەمراھى ئىمەجە 2023-يىلى قويۇپ بېرىلىدۇ
سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك تۈركىيەنىڭ تۇنجى مېتىردىن تۆۋەن ئېنىقلىقىغا ئىگە يەرلىك ۋە مىللىي كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى ئىمەجە (İMECE) نىڭ نويابىر ئېيىدا (2022) قويۇپ بېرىشكە تەييار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك ئەنقەرەدە ئالەم سىستېمىلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە سىناق مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.
ئۇ بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئىمەجە يەرلىك كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھىنىڭ تۈركىيەنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەت ئېھتىياجىنى قامدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئاخىرقى سىناق ئىشلىرىنىڭ پات ئارىدا باشلىنىدىغانلىقىنى ۋە قويۇپ بېرىش ئۈچۈن ئامېرىكاغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئىنشائاللاھ 2023-يىلى 15-يانۋار ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك ۋە مىللىي كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھىمىزنى قويۇپ بەرگەن بولىمىز» دېدى.
ئۇ ئالەم بوشلۇقىدىن كۆزىتىش ۋە سۈرەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئىشلىرىنىڭ، دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئىمەجە سۈنئىي ھەمراھىغا ئىشلىتىدىغان كامېرا ئۈچۈن زاكاس بېرىشنى تەلەپ قىلغان چەت دۆلەتلەر بار» دېدى.