پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يادىكارى زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ۋەيسەل كارانىيغا قالدۇرۇلغان مۇھىم مۇقەددەس يادىكارلىقلارنىڭ بىرى ھىركائى شەرىف، زىيارەتچىلەرگە قايتا ئېچىۋېتىلدى.

1816511
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يادىكارى زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى
hirka-i serif.jpg
hirka-i serif.jpg
hirka-i serif.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ۋەيسەل كارانىيغا قالدۇرۇلغان مۇھىم مۇقەددەس يادىكارلىقلارنىڭ بىرى ھىركائى شەرىف، زىيارەتچىلەرگە قايتا ئېچىۋېتىلدى. ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن ئىككى يىل ھىركائى شەرىفنى زىيارەت قىلىش چەكلەنگەن ئىدى.

ھىركائى شەرىف جامەسى ھىركائى شەرىفنىڭ زىيارەتكە ئېچىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا، ئىستانبۇل ۋالىيسى ئەلى يەرلىكايا، ئىستانبۇل ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى جوشقۇن يىلماز، فاتىھ ناھىيەسى ھاكىمى كائان پەركەر ۋە نۇرغۇن جامە جامائىتى قاتناشتى.

قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان ئېچىلىش مۇراسىمىدا دۇئالار قىلىنغاندىن كېيىن، ئامما ھىركائى شەرىفنى زىيارەت قىلدى.

ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ھىركائى شەرىفنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن كىشىلەر، ئەتىگەندىن تارتىپ ئۆچىرەتتە تۇردى. زىيارەت جەريانىدا بەزى كىشىلەر تەسىرلەنگەنلىكىدىن ياش تۆكتى.

ھىركائى شەرىفنى 2022-يىلى 29-ئاپرېلغىچە ھەپتە ئىچى ئەنقەرە ۋاقتى 10.00 دىن 18.00 گىچە، ھەپتە ئاخىرى ئەنقەرە ۋاقتى 09.00 دىن 18.00 گىچە زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر