ياپونىيە دۇنيادىكى تۇنجى توكلۇق پاراخوت ياسىدى

دۇنيادىكى تۇنجى توكلۇق «نۆل كاربونلۇق» يۈك پاراخوتى ياپونىيەدە دېڭىزغا چۈشۈرۈلىدۇ.

1815119
ياپونىيە دۇنيادىكى تۇنجى توكلۇق پاراخوت ياسىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۈتۈنلەي توك بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان، ئۇزۇنلۇقى 62 مېتىر كېلىدىغان ئاساھى پاراخوتى، مۇشۇ ئاي ئاخىرى (2022-يىلى ئاپرېل) توكيو بوغۇزىدىن ئۆتىدۇ.

ئادەتتىكى يۈك پاراخوتلىرىغا سېلىشتۇرۇلغاندا، شاۋقۇن ۋە تەۋرىنىشنى ئازلىتىدىغان ئاساخىغا تېخىمۇ كۆپ خادىملار سىغىدۇ. 100 دانە توكلۇق ماشىنىنىڭ باتارىيە سىغىمى بار بۇ يۈك پاراخوتى، بىرىنچى باسقۇچتا دېڭىز قاتناش ۋاستىلىرىغا ماي قاچىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ئاساھىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۈرىگە ساھىبخان e5 تەجرىبىخانىسىنىڭ كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارى نۆل بولۇپ، يېقىن كەلگۈسىدە توكلۇق پاراخوت ۋە ھىدروگېن يېقىلغۇسى بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان باتارىيە پاراخوتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نىشان قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر