شىۋېتسىيەدە دانىيەلىك ئوڭچىل رەھبەر قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈردى

شىۋېتسىيەنىڭ لىنكوپىڭ شەھىرىدە دانىيەلىك ئەسەبىي ئوڭچىل قاتتىق يۆنىلىش ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى راسمۇس پالۇدان، ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈردى.

1812614
شىۋېتسىيەدە دانىيەلىك ئوڭچىل رەھبەر قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پالۇدان، ساقچىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا لىنكوپىڭ شەھىرىدە مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلاشقان رايوندىكى بىر مەيدانغا باردى. ئاندىن ئۇ، قولىدىكى قۇرئان كەرىمنى يەرگە قويۇپ، نارازىلىقلارغا پىسەنت قىلماستىن، مۇقەددەس كىتابقا چاقماق بىلەن ئوت تۇتاشتۇرۇپ، قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈردى.

مەيدانغا توپلانغان تەخمىنەن  200 كىشىلىك گۇرۇپپا، پالۇدانغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى، ھەمدە ئىرقچى رەھبەرنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە يول قويۇلماسلىقى توغرۇلۇق ساقچىلارغا چاقىرىقتا بولدى.

ساقچىلارنىڭ بۇ چاقىرىقلارنى رەت قىلىشى سەۋەبىدىن مەيداندا ۋەقەلەر يۈز بەردى. مەزكۇر گۇرۇپپا يولنى تاقىدى ۋە ساقچىلارغا تاشلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

ئوخشىمىغان رەڭلەر پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مىكائىل يۈكسەل، ئىرقچى ئىسلام دۈشمىنى پالۇداننىڭ، ساقچىلارنىڭ قاتتىق قوغدىشى ئاستىدا شىۋېتسىيەنىڭ ئوخشىمىغان شەھەرلىرىدە قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش ئىغۋاگەرچىلىكلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش ئۈچۈن،  بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار ياشاۋاتقان مەھەللىلەر ۋە جامەلەرنىڭ يېقىن ئەتراپلىرىنى تاللاۋاتقان پالۇدانغا يول قويۇلۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كىشىلىك ھوقۇق، دىن ۋە ۋىجدان ئەركىنلىك ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە قوغدىلىدىغان شىۋېتسىيەدە، ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مۇسۇلمانلار ياشاۋاتقان مەھەللىلەردە قۇرئان كەرىم كۆيدۈرۈلۈۋاتىدۇ. ساقچىلار، مۇسۇلمانلارنى كۆز ئالدىلىرىدا مۇقەددەس كىتابلىرىنىڭ كۆيدۈرۈلۈشىنى سوغۇققانلىق بىلەن كۆزىتىشكە چاقىرماقتا.  بۇنىڭ قانداقلارچە ئەقلىنى يوقىتىش ئىكەنلىكىنى ھېچ چۈشىنەلمەيۋاتىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر